باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 11 تۈرلۈك باج كېمەيتىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ

2017.06.27 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ باجغا مۇناسىۋەتلىك 11 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىملىق باج كېمەيتىشتە «6 + 4 + 1» يۈرۈشلۈك تەدبىرى قوللىنىلىدىكەن، بۇنىڭدىكى «1» %13لىك قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى %11كە چۈشۈرۈشنى؛ «4» كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنى باجدىن ئىلگىرى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىكى شەخسكە ئالاقىدار باج سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، شەخسلەر سېتىۋالغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق چىقىمنى چىقىرىۋېتىش چېكىنى 2400 يۈەن قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش سىياسىتىنى؛ «6» ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ شەھەر ۋە بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، سىملىق تېلېۋىزىيە كۆرۈش ھەققى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىگە بەرگەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش، نۇقتىلىق كىشىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار تۈرىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك باج كېمەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۆرسىتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر