باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى

2017.06.27 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ «بەييۈەن» يولى قاتناش بۆلىكىدە رېلىسلىق قاتناشنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنىدە سىناق تەرىقىسىدە مېتروغا ئولتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى مېترو بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئىجرا قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يىل مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە (سەككىز قەۋەتتىن خەلقئارا ئايروپورتقىچە) سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىپ، 2018- يىلى 6- ئايدا شىمالىي بۆلەكتە يولۇچى ئېلىپ سىناق تەرىقىسىدە قاتناش، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈن لىنىيەدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش پىلانلانغان.

  مېترو 1- لىنىيەسى ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى تورىدىكى ئاساسلىق غول لىنىيە ۋە ئاساسلىقى شەھەرنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى تايانچ لىنىيە ھەم ئومۇمىي تور ئاساسىي لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.6 كىلومېتىر، ئومۇمىي لىنىيەدە 21 بېكەت تەسىس قىلىندى، 2014- يىلى 3- ئايدا قۇرۇلۇش باشلاندى. ھازىرغىچە، مېترو 1- لىنىيە قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، 21 بېكەتنىڭ 15ى پۈتۈپ، 16.5 كىلومېتىرلىق رايونلار ئارا تونېل تۇتاشتۇرۇلۇپ 3.35 كىلومېتىر، قاتناش بۆلىكى ئىچىدە 9.7 كىلومېتىر دائىرىگە رېلىس ياتقۇزۇلدى، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي بۆلەكتىكى رېلىسنى تۇتاشتۇرۇش پىلانلاندى. مېترو 1- لىنىيەسىدە قاتنايدىغان 27 مېترودىن ھازىرغىچە ئۈچى كەلتۈرۈلدى، يىل ئاخىرىغىچە 19 مېترونى ئەكىلىش پىلانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى بىر قىسىم بېكەتلەردە ئۈسكۈنە ئورنىتىش ۋە بېزەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 20 نەچچە پەن تەتقىقات نەتىجىسى قۇرۇلۇشقا تىرەك بولدى. مېترو قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلغان نۇرغۇن يېڭى لايىھەنىڭ دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم قوللىنىلىشى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، مېترو قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە توپلاپ، رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىدە داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىشنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ھازىر رېلىسلىق قاتناش 2- لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئومۇمىي لىنىيە قۇرۇلۇشى داۋاملىق تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، 2- لىنىيەنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 2020- يىلى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش پىلانلاندى. رېلىسلىق قاتناش 3- ، 4- لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلاندى، ھازىر يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش، چېقىش، تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆچۈرۈش، دەل- دەرەخلەرنى كۆچۈرۈپ تىكىش قاتارلىق ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم ئىش نۇقتىسىدا بېكەت ئاساسىي گەۋدىسىنى قورشاپ مۇھاپىزەت قىلىش، رايونلار ئارا تونېل تىك قۇدۇقى قېزىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىشلىنىۋاتىدۇ. رېلىسلىق قاتناش 3- ، 4- لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 2021- يىلى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش پىلانلاندى.

  «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش لىنىيە تورى پىلانى»(2015- يىلى)غا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش لىنىيە تورى مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى 1469 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمنى ئاساس قىلىپ، شەھەر رايونىدىكى سەككىز لىنىيە ۋە شەھەر دائىرىسىدىكى ئىككى لىنىيەدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 340.2 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونى ئىچىدىكى لىنىيەسى 261.8 كىلومېتىر، شەھەر دائىرىسىدىكى لىنىيەسى 78.4 كىلومېتىر. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىرغىچە ئىككى رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى پىلانىدىكى بېكىتىلگەن تۈرلەردە كەينى- كەينىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسى 88.8 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا 72 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ھازىر «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش 3- قارارلىق قۇرۇلۇش پىلانى(2017- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە)»نى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، «13- بەش يىل»دا رېلىسلىق قاتناش 2- لىنىيەسىنىڭ 2- قارارلىق، 3- لىنىيەسىنىڭ 2- قارارلىق ۋە 5 -، 6- لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش پىلانلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر