باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3991ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.06.27 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 26-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 3991ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 5637 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 3773 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  5-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 3991 مەسىلە ئىچىدە، بەلگلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 832سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قېلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 739ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 794ى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 502سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 465ى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش مەسىلىسىدىن 302سى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 175ى، ھەشەمەتلىك ئىمارەت قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 182سى بار. 5-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە-مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 37سى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 329ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر