باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

-ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ 20 يىللىق ھەمكارلىق خاتىرىسى

2017.06.28 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىلى 20 يىل بولدى، قول تۇتۇشۇپ بىللە باسقان شۇ يوللار، بىللە ياراتقان نەتىجىلەر قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىمىز ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئارزۇلار قاناتلىنىپ بىزنى كەلگۈسى پارلاق يولغا ئۈندىمەكتە.

  يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن، پولات چىۋىق، سېمونتتىن ياسالغان «چۈش لېنتىسى» لىڭدىڭياڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە لەپىلدەيدۇ.

  ئىچكى ئۆلكىلەردىن شياڭگاڭغىچە، شياڭگاڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگىچە، خۇددى شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە بارغاندەك، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خەلقى بۇ خىل «بىر شەھەر» شادلىقىغا چۆممەكتە.

  بۇرۇنقى تەسەۋۋۇر رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئىككى جاينىڭ قان تومۇرىنىڭ تۇتاشقانلىقى يېپيېڭى زامان-ماكان مەنزىرىسىدە نامايان بولماقتا.شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى دۇنيادىكى دېڭىز ھالقىغان ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئۇزۇن پولات قۇرۇلمىلىق، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تونىل چوڭ كۆۋرۈكى بولۇپ، دەل بۇ زامان-ماكان مەنزىرىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

  ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەن ئۆتمۈش، چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھازىرنى ئاساس قىلىپ، دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسىۋاتقان كەلگۈسىگە يېتىشكە ئالدىرىتىۋاتقان شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى، ھەم زىچ ھەمكارلىقنىڭ جۇغراپىيەلىك كوئوردېناتى ۋە فىزىكىلىق ئەۋرىشكىسى، ھەم ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەلگىسى.

  شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئورتاق قۇرۇشتىن، ئۈچ جاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت كومىتېتىنى ئورتاق قۇرۇشقىچە باشتىن-ئاخىر زىچ ئالاقە ئورنىتىلدى. ئۈچ جاينىڭ قانۇن-نىزام ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىر پۈتۈنلۈك دوستانە كېڭىشىلدى. «سۈرئەت سۈپەتكە بوي سۇنۇش»، «يۇقىرى بولسا بولسۇنكى، تۆۋەن بولماسلىق» تا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش يولىدا دادىل ئىلگىرىلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر