خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 27- كۈنى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى «زوراۋان»نى بويسۇندۇرماقتا.
شۇ كۈنى، ۋاكالەت نومۇرى «تەڭرىتاغ 3-نومۇر (2017)» بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت چېگراسىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى، ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى «نەق مەيداندا ھەقىقىي ئەسكەر، ئەمەلىي جابدۇقلار، راست ئوق، ھەقىقىي پارتلاتقۇچ» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مانېۋىر مەزمۇنىدىن تەقلىدىي توسالغۇ تەسىس قىلىشقىچە ھەممىنى «ئەمەلىي جەڭ» بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە قىرغىزىستاننىڭ قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاكتىپ ۋە جانلىق ئۇرۇش قىلىش، بىرلەشمە قوماندانلىق، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىش، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى