باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول كوماندىسى كۈندە 8 سائەت جاپالىق مەشىق قىلىپ، مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقتا

2017.06.29 15:22   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول كوماندىسى كۈندە 8 سائەت جاپالىق مەشىق قىلىپ، مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 13-نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنى دەپ ئاتىلىدۇ)غا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول كوماندىسى ھەر كۈندىكى 8 سائەتلىك مەشقىدە، داۋاملىق چىدامچانلىق ۋە تېخنىكىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى ياخشى مەشىق قىلماقتا.

  28-ئىيۇن، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشقان خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى قۇملۇق ۋالىبولى دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ نەنتۇڭ بېكىتى مۇسابىقىسىدە، جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن شيا شىنيى ۋە ۋېن شۇخۈي گۇرۇپپىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 16-ئىيۇن، بۇ گۇرۇپپا 2017-يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى نەنجىڭ بېكىتى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول تۈرىدە مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

  11-مايدىن باشلاپ، شيا شىنيى ۋە ۋېن شۇخۈي گۇرۇپپىسى يەتتە بېكەت مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى ئايلانما مۇسابىقىسى ۋە ئىككى بېكەت قۇملۇق ۋالىبولى دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون، بىر قېتىم خەلقئارالىق چېمپىيون، بىر قېتىم خەلقئارا مۇسابىقىدە 2-بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

  شيا شىنيى مۇنداق دېدى: «مۇكاپاتلاش سەھنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ھەممىنى يەنە قايتا باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ئەنە شۇنداق جەريان، بۇنىڭدا توختىماستىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. مەن بۇ جەرياننى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمەن، ئاۋۋالقى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىمىزدىكى مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، نۆۋەتتە بىز كۈندە سەككىز سائەت ئاساسىي بەدەن قۇۋۋىتى ۋە تېخنىكا مەشىقى قىلىۋاتىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ