باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتوموبىل ئاپتاپتا قالسا زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئايلىنىدىكەن

ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بۇ ئىشلارنى چوقۇم قىلىڭ

2017.06.28 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتەك ئىسسىق ياز كۈنىدە قۇياش نۇرى تىك چۈشكەندە، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا تېزلا 60 ℃ تىن يۇقىرىغا يېتىدىكەن. ئاپتوموبىل ئىچىدىكى چاقماق، توكدان ۋە ئەتىر دېگەندەك نەرسىلەر پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن؛ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى ئۇزۇن ۋاقىت نۇردا فوكۇسلانسا، ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ بوتۇلكىلىق سۇدىكى زىيانلىق ماددىلار ئايرىلىپ چىقىلىپ گازلىق ئىچىملىك كېڭىيىپ، كۆپۈپ يېرىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئادەتتە ئاپتوموبىل ئىچىدە خالىغانچە قويۇپ قويغان نەرسىلەر خەتەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىرتقى تېمپېراتۇرىسى 35 ℃تىن يۇقىرى بولغاندا، ئاپتوموبىل يېپىق ئەھۋال ئاستىدا ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15 مىنۇت ئىچىدە 65℃قا يېتىپ، فورمالدېگىد، بېنزول، مېتىل بېنزول، دى مېتىل بېنزول قاتارلىقلارنىڭ پارلىنىش مىقدارى نورمال چاغدىكىدىن بەشتىن يەتتە ھەسسىگىچە يېتىدىكەن. شۇڭا ئاپتوموبىلغا چىققاندا دېرىزىنى ئېچىپ بىر-ئىككى مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، زەھەرلىك ھاۋانى قويۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھەيدەش كېرەك ئىكەن. ھەر كۈنى تۇنجى قېتىم ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەندە، ئاپتوموبىلغا چىقىشقا ئالدىرىماي، ئاۋال دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، زەھەرلىك ماددىلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش كېرەك ئىكەن.

  يازدا ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى ئېچىش تۆت قەدەمگە بۆلۈنىدۇ :

  1. ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن دېرىزىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك

  ئاپتوموبىل ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا چىقىپ دەرھال ھەيدىمەي، ئالدى بىلەن تۆت ئىشىكنى ئېچىپ، زەھەرلىك گازنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

  2. ئاپتوموبىلنى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شامالدۇرغۇچنى ئېچىش كېرەك

  ئاپتوموبىلنى قوزغاتقاندىن كېيىن، شامالدۇرغۇچنى ئېچىش، ئالدى بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچماسلىق كېرەك (A / C كۇنۇپكىنى باسماڭ). شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى ئىچىدىكى بۇلغانغان ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىدىكى ئىسسىق ھاۋانى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

  3. تەبىئىي شامال بەش مىنۇت ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش كېرەك

  شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ بەش مىنۇت پۈۋلەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوغۇق شامىلىنى ئېچىش كېرەك. بۇ چاغدا، ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكى ئوچۇق تۇرۇش كېرەك.

  4. ھاۋا تەڭشىگۈچىنىڭ سوغۇق شامىلىنى بىر مىنۇت قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر