- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدا چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىكى تۇنجى ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدى
2017.06.28 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئىيۇن، گېرمانىيە BMW (جۇڭگو) مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋېرسما بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شۇپىڭنىڭ قولىدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىكى تۇنجى ئىجازەتنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازىتى تۈزۈمى مەملىكەت بويىچە رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭدا تارقىتىلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىكى تۇنجى ئىجازەتنامىسى (گۇۋاھنامىسى) ھېسابلىنىدۇ.
«چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى» بولسا چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىكى قانۇنلۇق ئىسپاتى بولۇپ، نومۇرى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنىش، «بىر ئادەمدە بىر نومۇر» بولۇش ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىك يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ ئىجازەتنامىدە RFID كارتىسى (سىمسىز رادىيو چاستوتا پەرقلەندۈرۈش كارتىسى ) قوللىنىلىپ، كارتا ئۈستىگە سۈرىتى، ئىسىم - فامىلىسى، پاسپورت نومۇرى ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق بىر تۇتاش رەت نومۇر ئۇچۇرلىرى ئوچۇق يېزىلىپ، ئىچىگە كونتاكتسىز ئۆزەك ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئېلىپ يۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە ساختىلىقتىن ساقلىنىش، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە باشقا جايدا ئىجازەت بېجىرىش قاتارلىق باشقا ئەھۋاللارغا قولايلىق يارىتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر