باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى ئۈچ يىلدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەردىن 3051ىنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلدى

2017.06.28 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغان. بۇ ئۈچ يىلدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، «ئاسماندا تور ھەركىتى» ئارقىلىق ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەردىن 3051ى قايتۇرۇپ كېلىنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 541ى بولۇپ، قايتۇرۇۋېلىنغان ھارام پۇل 9 مىليارد 98 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن. ھازىرغا قەدەر، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 كىشى»دىن 41ى قولغا ئېلىنغان.

  گەرچە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سەۋەبىدىن گۇمان قىلىنغان چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن يەنە 365ى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 581نى قوشقاندا يەنە قېچىپ يۈرگەنلەردىن 946سى بار ئىكەن؛ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىكى تېخىغىچە قولغا ئېلىنمىغان 59 كىشى ئىچىدە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدە يوشۇرۇنىۋالغانلار 51گە يەتكەن.

  مەركىزىي قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قېچىپ يۈرگەنلەردىن بىرسى بولسىلا، قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتىمىز ھەرگىز توختىمايدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە داۋاملىق كۈچەپ، مەڭگۈ توختاپ قالمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر