باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توڭلىتىش قىسمەن بىكار قىلىندى

ترامپ غەلبە قىلدىمۇ؟

2017.06.28 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى 26-ئىيۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ توڭلىتىلغان يېڭى نۇسخىدىكى كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم بۇ يىل 10-ئايدا كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا رەسمىي قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى 26-ئىيۇن بىر قانۇن پىكىرنامىسىدە، فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى بۇرۇن چىقارغان كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توڭلىتىش ھۆكۈمىنى دەرھال قىسمەن بىكار قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ھەمدە 10-ئايدا ئاغزاكى مۇنازىرىلىشىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ چىقىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قانۇن پىكىرنامىسىگە ئاساسەن، توڭلىتىش قىسمەن بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقى «ئىشەنچلىك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى شەخسلەر ياكى ئەمەلىي گەۋدىلەر بىلەن ھەقىقىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان چەت ئەللىكلەر»نىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە چەك قويۇشقا بولمايدۇ، جۈملىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ تۇغقان يوقلايدىغان چەت ئەل پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان ھەم ئامېرىكىدا تۇغقانلىرى، كەسپى ۋە باشقا مۇناسىۋىتى بولمىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ۋاقتىنچە مەنئى قىلسا بولىدۇ.

  شۇ كۈنى ترامپ ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر چوڭ «غەلىبە»، دېدى.

  كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توڭلىتىشنىڭ قىسمەن بىكار قىلىنىشىنى ترامپ بىر چوڭ «غەلىبە» دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بوستون ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسى كارلى خوننىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە «مۇرەسسە»ئىكەن. ئۇ: «بۇ قارار ئەمەلىيەتتە بىر مۇرەسسە، ھەقىقەتەنمۇ قىسمەن كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇش رۇخسەت قىلىندى، لېكىن ئالىي سوت مەھكىمىسى چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن چەت ئەللىك خادىملارنىڭ دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتتى»، دېدى.

  ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ئاخىرىدا يەنىلا قىسمەن چەكلەش بۇيرۇقىنى توڭلىتىش بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى توققۇز باش سودىيە ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سودىيە كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىغان قارىتىلغان توڭلىتىشنى چوقۇم تولۇق بىكار قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر