باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2017.06.29 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىژغىرىم ئىسسىقنىڭ تەپتى زېمىننى قىزىتىۋاتقان بولسىمۇ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى جاي كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن سەيدۇللا كارىزدىن ئېقىپ چىققان مۇزدەك سۈزۈك سۇدىن سالقىن ۋە راھەت ھېس قىلىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كارىز قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، ھازىر كارىز سۈيىدە كۈنىگە 20 نەچچە مو يەرنى سۇغىرالايمىز.

  بۇ ئۆزگىرىش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بەش قېتىملىق قۇتقۇزۇش خاراكتېرىدىكى پۇختىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرپان شەھىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كارىزلارنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى %30 ئاشقان، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 6 قېتىملىق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

  «يەر ئاستى قانىلى» دېگەن نامغا ئىگە كارىز قەدىمكى سۇچىلىق ئەسلىھەسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. كارىزلاردا ئۇزاقتىن بۇيان رېمونت قىلىنماسلىق تۈپەيلىدىن كونىراپ كېتىش ۋە توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولغاچقا، نۇرغۇن بۆلەكتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بار ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، كارىزنىڭ سۇ مەنبەسى ۋە سۇغىرىش رايونىدا قۇدۇق زىيادە كۆپ قېزىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، كارىز قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

  دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بۇ قەدىمكى سۇچىلىق ئەسلىھەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2009-يىلىدىن باشلاپ 93 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدىكى 164 كارىزنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك پۇختىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 15 مىڭ 744 كارىزنى پۇختىلىدى، 714 كىلومېتىرغا يېقىن كارىزنىڭ لېيىنى ئېلىپ راۋانلاشتۇردى.

  مەملىكەتلىك 3-قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا 1540 كارىز ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر