باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى غەيرىي ھۆكۈمەت مۇنبىرىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك سۆزى يوللىدى

2017.06.29 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى غەيرىي ھۆكۈمەت مۇنبىرىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 28-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك سۆزى يوللاپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پايدىلىق سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى ماسلاشتۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، مەنپەئەتدارلىقتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر