باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

2017.06.29 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولۇچىلارنى دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ قويىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ھىچقانداق پولات چىۋىق، سىمونت ئىشلەتمەي زەمبۇرۇخلۇق ياغاچ بىلەن ياسالغان ئۆي قاتارلىقلار 2017-يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئىجادىيەت سۇپىسىدا كۆرسىتىلدى. 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلاۋى ئىنسانلارغا قانداق ئارزۇ ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ساھەلەردىكى مېھمانلار بۇ ھەقتە قىزغىن مۇنازىرە قىلدى.

  ئىنسانلارغا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كېلەلەمدۇ يوق؟

  مۇنبەرنىڭ يىغىن مەيدانىدا ئىچىگە رەڭگا رەڭ گەندە سېلىپ قويۇلغان بىر كۆمۈش رەڭلىق ساندۇق ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتتى، خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرۇپ: گەندىنىڭ رەڭگى ساغلاملىق مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بۇ تېخنىكىنى 7 نەپەر سىتۇدېنت ئېلىپ كەلدى دېدى.

  بۇ سىتۇدېنتلار گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆز بىلەن رەڭگىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسىنى يېتىلدۈردى، بۇ خىل باكتىرىيە ئادەم ئۈچىيىىدە بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بايقالغان ھامان رەڭگى ئۆزگىرىپ، خىمىيەلىك ماددا بار رەڭلىك گەندە شەكىللەندۈرىدىكەن.

  گېن تېخنكىسىدىكى بۇ بۆسۈش ھەر بىر كشىىنى ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەممە كىشىنى ئۆز ساغلاملىقىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەملەر تاختا كومپىيۇتېر ئارقىلىق مەشغۇلات قىلالايدىغان بىر كىچىك ئايروپىلان كەشىپ قىلىندى، ئۇ كشىىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا سىزنى ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن توسالغۇسىز ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، مانا بۇ تېخنىكىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ،تۇرمۇشىمىزغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشماقتا.

  بۇ تېخنىكىلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشالامدۇ يوق؟

  دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەسىپ ۋە تېخنىكا ئىنقىلاۋىغا دېققەت قىلىپ كەلدى، ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلاۋى كىشىلەر دائىم تىلغا ئالدىغان سانائەت 4.0 بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ كۆپ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ــ ئۇنىڭدا تۈرلۈك تېخنىكىلار يۇغۇرۇلغان بولۇپ، فىزىكا دۇنياسى، ماتىماتېكا دۇنياسى ۋە جانلىقلار دۇنياسى ئارىسىدىكى چېگرا يوقىلىدۇ، كىشىلەرگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  داۋۇس مۇنبىرى يىغىن مەيدانىدا ماشىنا قول مۇداپىئە كۆرگۈچى تەرەپ بولغان ئۈستەل ئۈستى مۇز توپ ئۇيۇنى بولۇۋاتاتتى، ماشىنا قول سىنكۆزدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئېنىق كۆرۈپ مەركىزىي نېرۋىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن ناھايىتى جايىدا مۇداپىئە كۆرۈۋاتاتتى.

  يىغىنغا قاتناشقان تېخنىكا مۇتەخەسسسلىرى مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ياسىمىچىلىق زاۋۇتلارنىڭ ئشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇ شەك شۈبىسىز ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولالايدۇ.

  ئۇدا 11 قېتىم يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان شەرق يۇمشاق دېتال گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ جىرېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپلاندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايروپلانغىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئەقىل پاراسەت شەھىرىگىچە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ سىفىرلاشقان يەر شارىنى بەرپا قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر