باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى «تەڭرىتاغ 3-نومۇر (2017)» تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

2017.06.29 15:19   مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى «تەڭرىتاغ 3-نومۇر (2017)» تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرتلىك بەلگىسى «تەڭرىتاغ 3-نومۇر (2017)» بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگانلىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا بىرلىكتە باشلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى «نەق مەيدان، ھەقىقىي ئەسكەر، ئەمەلىي قورال، ھەقىقىي ئوق، ھەقىقىي پارتلىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەقلىدىي توسالغۇ تەسىس قىلىش بىلەن «ئەمەلىي جەڭ»نى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-قىرغىزىستاننىڭ قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىش، بىرلەشمە قوماندانلىق، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش جەھەتتە ئېرىشكەن گەۋدىلىك نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك سىنالدى. بۇ قېتىملىق مانېۋىر «تەڭرىتاغ 1-نومۇر (2006)» ۋە «تەڭرىتاغ 2-نومۇر (2011)» تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن يەنە بىر قېتىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىرلەشمە مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ قېتىملىق مانېۋىردا، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگراسىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپتىكى مەلۇم بىر رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى، قورال-ياراغنى چېگرادىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىگە ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىمەكچى بولغانلىقى قىياس قىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بىرلەشمە قوماندانلىق ھەرىكىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تېما تەسىس قىلىندى. چېگرا ئېغىزى ۋە تاغ يولىنى تەكشۈرۈش، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدىن قايتۇرما زەربە بېرىش، تاغ يولىدا قوغلاپ تارمار قىلىش جېڭى قاتارلىق 15 ھەقىقىي ئەسكەر مانېۋىر تۈرى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ