خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن داليەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 2017-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئالاھىدە سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابى ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ئەھۋالدا بارلىققا كېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى ۋە تېخىمۇ كۆپ باراۋەر قاتنىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى، بۇ سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئومۇمغا نەپ يەتكۈزۈشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. بۇ يىل بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، ئەركىن سودىنى قوغداش تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى» بولۇپ، كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى دەۋردە سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوغداپ، تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ تەرەپ تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى قوغداپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلىقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر ئۈنۈمنى تەكىتلەيدىغان، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەر نەپ يەتكۈزىدىغان ئېشىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ھەممە كىشى باراۋەر قاتنىشىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەممە كىشىنى تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى مەۋقە قىلغان، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ سۇپا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق يېڭىپ تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى