باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ھالدا ھالقىپ كەتكەن ئەھۋالىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

ھىندىستان تەرەپنى دەرھال قايتىپ چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى

2017.06.30 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 29- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشتىكى شۇ يىغىننىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى تۆۋەندىكىچە:

  سوئال: 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى راۋات يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىركىشىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا، «ھىندىستان زېمىنى تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇچۇرمىدى.» دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن. بۇ خىل خەۋەر ھىندىستان تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇدا خەۋەر قىلىنىپ كېلىۋاتقان «جۇڭگو قىسىملىرى سىككىم بۆلىكىدىن چېگرا ھالقىپ ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى.» دېگەن خەۋەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: بىز بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئېنىق ئېيتقان ئىدۇق، يەنى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بولسا، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ خادىملىرى جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىدىكى سىككىم بۆلىكىدىن قانۇنسىز ھالدا ھالقىپ ئۆتۈپ جۇڭگو زىمىنىغا كىرگەن. سىز بايا دېگەن ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقىنىڭ ئىپادىسى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى ئېلان قىلغان خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش سىجىل تەس. بىز ھىندىستان تەرەپنىڭ تارىخى چېگرا كېلىشىم بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشىنى، جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، چېگرادىن ھالقىغان ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ چېگرا سىزىقى تېشىغا دەرھال چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق، ئۇ ۋەقەنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر