خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، خوڭكەندىكى شياڭگاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا خور ئۆمىكى خور ئېيتماقتا. شۇ كۈنى كەچتە، «سېرىس دەرىخى چېچەكلىگەن 20 يىل − شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە قاتناشقان شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا خور كۆرىكى» خوڭكەندىكى شياڭگاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرەك «گۈزەل جۇڭگو»، «ۋەتەن ۋە مەن»، «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شياڭگاڭ-گۇاڭدۇڭ ئىجتىمائى تەشكىلاتلار باش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ- فۇجيەن ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق 12 كوللېكتىپ 24 خور نومۇرى ئورۇنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى