باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سېمىزلەرنىڭ كۆپلۈك نىسبىتىدە شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇنغا تىزىلدى

2017.06.30 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ سېمىزلەرنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 3- بولدى

  10 شىنجاڭلىقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. ئوزۇقشۇناسلار شىنجاڭلىقلارنىڭ نېمىشقا ئاسان سەمرىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى.

  گۆشنى كۆپ يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەپلىك چېنىقىشنىڭ ئاز بولۇشى.... ۋاھاكازالار. بىلەمسىز؟ سىز ئېسىل غىزالاردىن ھۇزۇرلىنىپ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىۋاتقىنىڭىزدا، سېمىزلىكمۇ ئاستا-ئاستا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىن ئۆزىگە ئورۇن راسلاپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  يېقىندا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەل ۋە خەتەرلىك ئامىللارنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتىدە شىنجاڭ 3-ئورۇندا تۇرغان، سېمىزلىك نىسبىتى %21.5، ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %33 بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە نىسبەت ھېسابلىنىدىغان %11.9 ۋە %30.1تىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىرلىقنى كېمەيتىش ۋە مېتابولىزىم تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2009- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، يەنى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئېپىزوئوتولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %38-%35 كىچە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %40تىن يۇقىرى بولغان.

  ئۇندىن باشقا، بۇ دوختۇرخانا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا قارىتا بىر تۈرلۈك تار دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىگەللەنگەن بۇ مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىمۇ %40كە يېقىنلاپ قالغان.

  ناۋادا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنى سېمىز كىشىلەر دائىرىسىگە كىرگۈزسەك، ھەر 10 شىنجاڭلىقنىڭ ئىچىدە ئىككىسى سېمىز كىشىلەردىن ئىكەن.

  ئۇنداقتا، شىنجاڭدا سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نەدىن كەلگەن؟ بۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت بېسىمى دېگەندەك ئامىللار سەۋەپچى بولىدىكەن، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى ئامىل ئىكەن. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياۋ جۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «يېمەك-ئىچمەك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق كاربوگىدراتلار، گۆش، تۇخۇم، سۈت ۋە ياغلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىش-كەتمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.»ياۋ جۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىشى، ئالدى بىلەن خېمىر تاماقلارنى كۆپ يەيدىغان ئادىتىدىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى گۈرۈچ ۋە ئۇننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپ پەرق قىلمايدۇ. لېكىن نېمىشقا خېمىر تاماقنى كۆپ يېسە، ئاسان سەمىرىيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى دەل گۈرۈچ بىلەن ئۇننىڭ پىشقان چاغدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا، 100 گرام گۈرۈچتە 250 گىرام گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) قىلغىلى بولىدۇ، بىراق 100 گرام ئۇندا 140 گرام جىڭموما ياكى 120 گرام لەغمەن قىلغىلى بولىدۇ.

  ياۋجۈنيىڭ مىسال ئارقىلىق، بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشى بىر ۋاقلىق تامىقىدا 250 گرام تاماق يېسە، تويۇش ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، گۈرۈچ تاماق يېسە، ئۇ پەقەت 100 گرام گۈرۈچنى خام ئەشيا قىلسىلا بولىدۇ، جىڭموما يېيىش ئۈچۈن، 178 گرام ئۇن، لەغمەن يېيىش ئۈچۈن 208 گرام ئۇننى خام ئەشيا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭلىقلار كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ، بېلىق، راك، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق گۆش تۈرى مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا، كالا ۋە قوي گۆشلىرىدە ياغ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، ئوخشاش ھەجىمدىكى ياكى ئېغىرلىقتىكى كالا ۋە قوي گۆشىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ياغ مىقدارى باشقا گۆش تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

  شىنجاڭلىقلار كاۋاپنى كۆپ يەيدۇ، كاۋاپ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائاملىرىنىڭ بىرسى. كاۋاپمۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدىغان بىر ئامىل. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭلىقلار ھاراق ئىچىشكىمۇ ئامراق، ھەتتا «ھاراق بولمىسا سورۇن قىزىمايدۇ» دەپمۇ قويىدۇ. شىنجاڭلىقلار ھاراق ئىچكەندىمۇ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرتلىق ھاراقلارنى كۆپ ئىچىدۇ، مەس بولمىغىچە، سورۇننى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ. ھەر بىر رومكا ھاراقنىڭ جۇغلىنىشى، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆپەيتىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى يىغىلىپ، مايغا ئايلىنىدۇ.

  ياۋ جۈنيىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن باشقا، شىنجاڭدا سېمىزلىكنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشى يەنە باشقا بىر ئامىلدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇش ئادىتى ئامىلى. شىنجاڭنىڭ قىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم سوغۇق، ئۇندىن باشقا، قانچە سوغۇق بولغانچە، كېچىلىك ۋاقىتمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇزۇن ۋە سوغۇق قىش پەسلىدە ھەرىكەت ۋە چېنىقىشنىڭ ئاز بولۇشى، ئۇزۇن كېچىلەردە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى جىق يەۋىلىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر