باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2017.06.30 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 28- ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا كىرىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدا، خۇسۇسىي ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لېكىن بۇ ئۇقتۇرۇشتا يولۇچىلارنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر ئېلىپ يۈرۈشىنى مەنئىي قىلمىغان.

  ئامېرىكا دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭى تەدبىر ئاساسلىقى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدا، خۇسۇسىي ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىش، ئۇچقۇ ئەتراپىنىڭ ۋە يولۇچىلار رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ ئىلغار بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاپشاركىلار ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بەلگىلەنگەن ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدە بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئالاقىدار تەرەپلەر تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك چەكلىمىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر