باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى: قىسمەن مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ

2017.06.30 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت كارخانىلىرىغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قىسمەن مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىىلىشىچە، 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تېلېگراف تورىنىڭ نومۇر بايلىقىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش ھەققى، چاستوتا ئىگىلەش ھەققى، پۇقرانىڭ پاسپورت ھەققى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى تەننەرخ ھەققى، ۋاقىتلىق چېگرادىن كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ تەننەرخ ھەققى، تۇپراقنى ساقلاش تولۇقلىمىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تەجرىبىسى ھەققى ۋە توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى ئىسخېما لايىھەسىنى قوغداش ھەققى دېگەندەك بىر قاتار ھەقلەرنىڭ ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز رايونىنىڭ يولغا قويغان مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشى كېرەك، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا تۆۋەنلىتىشى، ھەمدە تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، شۇ ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر