باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىنى ئېلىشتا ماتېرىيال تاپشۇرماي ئېلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.06.30 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇن، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىنى ئېلىش رەسمىيىتى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بېيجىڭ رايونىدا تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشتا ھېچقانداق ماتېرىيال تاپشۇرمايلا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالالايدۇ.

  مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بېيجىڭدا يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي (جۈملىدىن ئۆزى تۇرىدىغان تاۋار ئۆي، باھاسىغا چەك قويۇلغان تاۋار ئۆي) سېتىۋالغاندا تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى ئالماقچى بولسا، «تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى ئېلىش ۋەدىنامىسى» ئىمزالىشى ھەم ئۆي سېتىۋېلىش توختام نومۇرى، تور ئىمزا مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى لازىم. نەق پۇل بىلەن ئۆي سېتىۋالغانلار ئۆي سېتىۋېلىش توختىمىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ؛ قەرز پۇل ئارقىلىق سېتىۋالغانلار، پۇل قەرز ئېلىش توختامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى ئالغاندا، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى ئېلىشتىكى سومما چېكىگە قارىتا ۋەدە بەرگەن ھەمدە تەكشۈرۈشكە قوشۇلغانلار ئۆي سېتىۋالغۇچى (ياكى مۈلۈك ئىگىسى) تەرتىپى بويىچە ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەيدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر