باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى شياڭگاڭغا بېرىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ

2017.06.30 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ھەربىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتى، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتىنىڭ پائالىيىتى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى شياڭگاڭغا بېرىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى شۇنداقلا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭغا ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدۇ. لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى رايون ھالقىغان مەشىق مەزگىلىدە شياڭگاڭغا بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

  ۋۇ چيەن يەنە تونۇشتۇرۇپ: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى، دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ۋە شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شياڭگاڭدا شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارا ھەربىي مۇزىكا كۆرىكىگە قاتنىشىدۇ. ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئوركېستىر ئۆمەكلىرىمۇ بۇ قېتىملىق خەلقئارا ھەربىي ئوركېستىر كۆرىكىگە قاتنىشىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر