خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ چامپەيندە بىر ساقچى گۇماندار برېنتكىرىستېنسىن تۇرۇۋاتقان ئۆينى ئاختۇردى ۋە دەلىل- ئىسپات توپلاشقا تەييارلاندى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 30-ئىيۇن، شۇ كۈنى كەچتە 27 ياشلىق ئاق تەنلىك ئەر برېنتكىرىستېنسىننى قولغا ئېلىپ، ئۇنى جۇڭگولۇق زىيارەتچى ئالىم جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىشقا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىدى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارىدىن ئېلىنغان سوئال سوراش خاتىرىسى ۋە يىغىلغان ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، جاڭ يىڭيىڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى