باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى

2017.07.03 09:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى، ئۇنىڭدا ‹‹كۆڭۈل – كۆكسۈڭ دەريا بولسا، سىغار ئالەم ئۇنىڭغا›› دېگەن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق ئەمەلىي ئېھتىياجىغا، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. مەركەز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، قەتئىي بولۇش، ئۆزگەرتمەسلىك، تەۋرەنمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەش، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى شياڭگاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چەتنەپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتمەسلىك، باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا چىڭ تۇرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى، ئۇنىڭدا ‹‹كۆڭۈل – كۆكسۈڭ دەريا بولسا، سىغار ئالەم ئۇنىڭغا›› دېگەن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق ئەمەلىي ئېھتىياجىغا، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. مەركەز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، قەتئىي بولۇش، ئۆزگەرتمەسلىك، تەۋرەنمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەش، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى شياڭگاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چەتنەپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتمەسلىك، باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا چىڭ تۇرىدۇ.

  يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى، ئېگىز ئېسىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە ئېرى لىن جاۋبونىڭ ھەمراھلىقىدا يىغىن زالىغا كىرىشى بىلەن زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا باشلاندى. كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ قەسەم بېرىش جەريانىنى نازارەت قىلدى. ئالدى بىلەن لىنجېڭ يۆئې قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئالدىدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. لىنجېڭ يۆئې قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ لىنجېڭ يۆئېنىڭ باشلامچىلىقىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى نازارەت قىلدى. ئۇلار قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئارقىدىن لىنجېڭ يۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى نازارەت قىلدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شياڭگاڭنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن ۋەتەن بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەلگەن. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى، دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭقۇر ئازابلارغا قالغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن ھەقىقىي دەس تۇردى ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم شانلىق يولىنى ئېچىش توغرىسىدا ئىزدەندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي شارائىتى ۋە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دېڭ شياۋپىڭ ئەپەندى ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بۇنى كۆرسەتمە قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن دىپلوماتىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن مىللەتنىڭ 100 يىللىق ئار – نومۇسى يۇيۇلۇپ، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى تاماملاندى. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چاچقان ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغ تۆھپە، شياڭگاڭ شۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، مەڭگۈ ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەت داغدام يولغا قەدەم قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› شياڭگاڭدا دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن شياڭگاڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار سەپەرگە قوشۇلۇپ، گۈللىنىش، مۇقىملىقنى داۋاملىق ساقلىدى. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش بولغاچقا، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ شياڭگاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپ، شياڭگاڭدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە، يىغىپ ئېيتقاندا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، قەدەمنى پۇختا بېسىش، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ شياڭگاڭدا بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ‹‹بىر دۆلەت›› ۋە ‹‹ئىككى تۈزۈم›› مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل توغرا ئىگىلەش كېرەك. ‹‹بىر دۆلەت›› ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ‹‹بىر دۆلەت›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بىلەن مەركەزنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مەركەزنىڭ ھوقۇقىغا ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان، شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تۆۋەن چەككە چېقىلغانلىق، بۇلارنىڭ بىرىگىمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ. ‹‹بىر دۆلەت›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ‹‹ئىككى تۈزۈم›› پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش، مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ كۈچلۈك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن شياڭگاڭنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىككىنچى، باشتىن – ئاخىر ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشى بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك؛ نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەشۋىقات، تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات شياڭگاڭدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. شياڭگاڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى قوينىدا دۇنياغا يۈزلەنگەن، تەرەققىياتقا پايدىلىق نۇرغۇن شەرت ۋە ئۆزگىچە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ داۋاملىق تېز تەرەققىي قىلىشى شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت، ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلدى. كۆپچىلىك چوقۇم پۇرسەتنى قەدىرلىشى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى، ئاساسلىق زېھنىي – قۇۋۋىتىنى قۇرۇلۇشقا، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. تۆتىنچى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى باشتىن – ئاخىر قوغداش كېرەك. ھەممە ئىشتا ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئاقىلانىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىلا، مەسىلىنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيگەندە، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنى سەمىمىي ھىمايە قىلغاندىلا، مەيلى قانداق سىياسىي قاراش ياكى تەشەببۇسلار بولسۇن، بىز ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرماقتا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شياڭگاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز سوتسىيالىستىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز، شۇنداقلا كاپىتالىستىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقان شياڭگاڭنىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشىنى، ‹‹بىر دۆلەت›› ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى تۈزۈم››نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىنى؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى؛ زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشىنى؛ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشىنى؛ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۇلارنى قوللىشىنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ؛ شياڭگاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىدە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى پائال تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى توپلانغان مول تەجرىبىلەر ۋە پۇختا تەرەققىيات ئاساسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولىدىكەن، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ شياڭگاڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى چوقۇم يېڭى سەھىپە يارىتالايدۇ، شياڭگاڭ چوقۇم يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ!

  لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش مەمۇرلۇق مەسئۇلىيىتىمنى توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىمەن، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى ئىجرا قىلغۇچى، نېگىزلىك قانۇننى قوغدىغۇچى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغدىغۇچى، مەركەز ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك مەسئۇلىيىتىمنى قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە قەتئىي زىممەمگە ئالىمەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، بىخەتەرلىكىگە، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى قورقماستىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ شياڭگاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ‹‹ئىلگىرى سۈرگۈچى›› ۋە ‹‹ئومۇملاشتۇرغۇچى››لىق رولىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەردە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادقا كۆپ مەنبەلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىدىكى خادىملارغا ياخشى باشلامچى بولۇپ، كونكرېت خىزمەت ۋە پۇختا سىياسىي نەتىجە ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىگە ۋە قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  ۋاڭ خۇنىڭ، فەن چاڭلۇڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ چېن، ياڭ جيېچى، جاڭ چىڭلى قاتارلىقلار تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، لياڭ جېنيىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن، شۇنداقلا شياڭگاڭدىكى ھەرقايسى ساھە ۋەكىللىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلارمۇ تەبرىكلەش يىغىنىغا ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر