باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى» پىدائىيلار ئەترىتى ماۋشيەن ناھىيەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى

2017.07.03 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى «جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى» پىدائىيلار ئەترىتى سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستى ماۋشيەن ناھىيەسىگە بېرىپ، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىدىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئۇلارغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۆڭلىنى يەتكۈزدى.

  «جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى» پىدائىيلار ئەترىتىدىكى ئەزالار 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە سىچۈەننىڭ ئابا ئوبلاستى ماۋشيەن ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىڭدۇدا تىجارەت قىلىدىغان «جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى» پىدائىيلار ئەترىتىدىكى شىنجاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نان، تەييار چۆپ، مېنېرال سۇ، قوي گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، شۇ جايغا قۇتقۇزۇشقا بارغان ھەربىي، ساقچىلارنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى يوقلىدى. بۇ ئەترەت ئاپەت مەيدانىدا كاۋاپ پىشۇرۇپ، ئۇلارغا مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

  ئابا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شياڭ شياۋفىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاپەت رايونىدىكى بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان بولساقمۇ، بۇ ئالاھىدە ئەترەتنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنمىدى، ئۇلارنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ھال سوراپ كەلگەن ئېسىل پەزىلىتى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى.

  «جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى» پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەر تەرەپتىن ياردەم قوللىرىنى سۇنۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل خسلىتى. ئاپەت رەھىمسىز، ئەمما جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەلبى مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر جەھەتتىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئەترىتىمىز قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن ياردىمىدە 14 مىڭدىن ئارتۇق سېتىۋېتىلگەن، يوقاپ كەتكەن بالىلارنى ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چوڭلارنى تېپىپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى خاتىرجەم قىلدۇق. شۇڭا بىز ئاپەت ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن قاراپ تۇرالمىدۇق. نەرسىلەر كۆپ بولمىسىمۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئازغىنە كۆڭلىنى ئىپادىلىدۇق .(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر