خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنخەي دېڭىزىدىكى مەرۋايىت ھېلىمۇ شۇنداق جەلپكار، شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن كەچتە شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە «قەلبداش بولايلى، كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدىكى شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى.
ئويۇن قويۇش مەيدانى رەڭدارلىققا چۆمۈلۈپ، قايتام-تاشقىنلىققا تولغانىدى. سائەت 20دە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقى لياڭتاڭ چىڭيىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى نەق مەيدانىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. تاماشىبىنلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى