باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2017.07.03 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن كەچتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتى خۇددى بىر تال مايسىنىڭ بوران-چاپقۇندا ئۆسۈپ يېتىلگىنىدەك مول مېۋە بەردى. ئۆزىمىزگە، شياڭگاڭغا، دۆلەتكە ئىشىنىمىز، بىزنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى يولغا قويۇش دەسلەپكى مەقسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئىرادىمىز تەۋرەنمەيدۇ. بىز جەزمەن «نى پايانسىز دېڭىزدىن ئاقىۋەتتە ئۆتەرمەن، دولقۇنلاردا چارچىماي، ئۈزۈپ كەڭ غۇلاچ تاشلاپ!»، «ئالتۇن ئايرىلار ئاخىر قۇم-لاي ھەيۋىتى ئىچرە، چېكىپ مۈشكۈلاتلارنى گەر قىلساڭ ئەجىر قۇلدەك» (تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرى) دېگەن ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  زىياپەت زالى خۇشال ھەم قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سائەت 18 دىن ئاشقاندا شى جىنپىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لياڭتاڭ چىڭيىنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىردى، كۆپچىلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ قارشى ئالدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ قىزغىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شياڭگاڭ ئاھالىسىدىن سەممىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. بىرلىككە كەلگەن دۆلەتتە، دۆلەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش، قىسمەن رايونىدا قانۇن بويىچە كاپىتالىستىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش، بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي ئەمەلىيىتىدە تېخى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئالدىنقىلار غايەت زور جاسارەت بىلەن ئىزدەندى ھەم بۆسۈش قىلدى، كېيىنكىلەر قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شياڭگاڭنىڭ نامسىز كىچىك بېلىقچىلار كەنتىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنياغا داڭلىق زامانىۋى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشىنى نەچچە ئەۋلاد شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار تىرىشىپ ياراتقان. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيۈش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەش، ئۆزگىرىشلەرگە جانلىق ماسلىشىش روھى شياڭگاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل پائال قاتنىشىپ، زور تۆھپىلەرنى قوشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ شياڭگاڭنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت تەرەققىياتى ۋە دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قۇربى يېتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر