باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئۇچار كېمىسى جۇڭگو تەجرىبىسىنى ئېلىپ ئالەم پونكىتىدىن يەر شارىغا قايتىپ كەلدى

2017.07.04 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئۇچار كېمىسى 3-ئىيۇل خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن يەر شارىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە تۇنجى بۇلۇپ بۇ بوشلۇق تەجرىبىخانىسىغا چىققان جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا لايىھەلىگەن تەجرىبە قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ چۈشتى.

  ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى شۇ كۈنى بوشلۇق پونكىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەخمىنەن بەش سائەت ئۇچۇپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى سائەت 8دىن 12 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دىن 12 مىنۇت) ئۆتكەندە، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشتى.

  «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن 1.8 توننا ماددىي ئەشيا ئېلىپ كەلدى. بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دېڭ يۈلىن گۇرۇپپىسى مۇستەقىل لايىھەلىگەن بىر تەجرىبە قۇرۇلمىسىمۇ بۇ ماددىي بۇيۇملار ئىچىدە بولۇپ، بۇ تەجرىبە تۈرى بوشلۇق رادىئاتسىيەسى ۋە مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىنىڭ ئانتىتېلا كودى گېنلىرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر