باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4G جۇڭگونى دۇنيادىكى تور چوڭ دۆلىتى بولۇشقا يېتەكلىدى

2017.07.04 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودىغا ئىشلىتىش يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 850 مىليوندىن ئارتۇق ئابونت كۆلىمىگە ئىگە بولۇشقىچە، بىر نەچچە يىلدا ئېلىمىزنىڭ 4G كۆچمە ئالاقە تورى تېز تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئەقلىي يان تېلېفونلار دۇنيا كۆز تىككەن يۇقىرى سۇرئەتلىك ئۇچۇر تورىنى شەكىللەندۈردى. قاپلىنىشى ئەڭ كەڭ 4G سودا تورى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور ئەھلى توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا بارغانسېرى ئېتىراپ قىلغان مۇستەقىل ئالاقە تېخنىكىسىغا ئىگە جۇڭگو ئىسمى-جىسمىغا لايىق چوڭ تور دۆلىتى بولۇپ قالدى.

  سۈپەت جەھەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش دۆلىتىمىز تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە قاتتىق دېتال قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور مەبلەغ سېلىشىدىن كەلگەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G ئاساسىي پونكىتى 860 مىڭدىن 1 مىليون 620 مىڭگە كۆپىيىپ، يەر شارى بويىچە 4G ئومۇمىي سانىنىڭ %32نى ئىگىلىدى، قاپلىغان نوپۇس سانى 1 مىليار 300 مىليوندىن ئاشتى. جۇڭگو تېلېگرافى شىركىتىنىڭ 4G ئاساسىي پونكىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 890 مىڭغا يەتتى.

  ئاساسىي پونكىت سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تورغا چىقىش سۈرئىتى سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى جۇڭگو ئابونتلىرىنى تورغا چىقىشتىن ھەقىقىي ھۇزۇرلاندۇردى. جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ "4G +" توردىكى چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300M/bpsگە يەتتى. بۇ يىل بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنە نۇقتىلىق رايون، ئاۋات رايونلاردىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتنى 600M/bpsگە ئۆستۈرىدۇ. 4G دەۋرى باشلانغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشى توختاپ قالمىدى.

  ئۇندىن باشقا، تورنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى پۈتكۈل كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىگە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، يان تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئومۇمىي ئىگىلەش نىسبىتى %20تىن ئېشىپ كەتتى.

  كەسىپ ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن: جۇڭگولۇقلار دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون «ئىشلىتىش»كە ئەڭ ماھىر مىللەت، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ، 4G تورىنىڭ تېز ئومۇملىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر