سۈرەتتە: 58 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى خۈي شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە، 7760 يۈەن خەجلەپ، 20گە يېقىن تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىغا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بەش مەيدان 32 تال بېلىتىنى سېتىۋالدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دا، 58 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى خۈي ئاققوۋۇق شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە بىر يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالدى، ئۇ 7760 يۈەن خەجلەپ، 20گە يېقىن تۇغقىنى ۋە دوستلىرىغا بەش مەيداننىڭ 32 تال بېلىتىنى سېتىۋالدى.
شۇ كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، «5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى»نىڭ بېلىتى بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە سېتىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ خەلق سارىيى، تۆمۈريول ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسى قاتارلىق ئالتە تىياتىرخانىدا ئۇسسۇل بايرىمى ھەرقايسى مەيدانلىرىنىڭ ئويۇن بېلىتى بىرلا ۋاقىتتا سېتىلىشقا باشلىدى، سېتىشقا باشلىنىپ بىر يېرىم سائەتتىلا 300 تال بېلەت سېتىلىپ تۈگىدى.
لى خۈي مۇنداق دېدى: «ئۇسسۇل بايرىمى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىل 5-قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى، مەن ئۇسسۇل بايرىمىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقىلى 10 يىل بولدى. ھەر بىر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، ماڭا خۇددى بايرام بولغاندەك بىلىنىدۇ.»
«5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى» 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 22 سەنئەت ئۆمىكى، ئۈرۈمچىدىكى ئالتە تىياتىرخانىدا جەمئىي 62 مەيدان نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
نەق مەيدانغا بېرىپ بېلەت سېتىۋالغاندىن سىرت، تاماشىبىنلار يەنە ئورگان تەرەپ بېكىتكەن توردا بېلەت سېتىۋىلىش تور ئادىرېسى «بېيجىڭ ئويۇن بېلىتى ئىشلىرى تورى» (北京演出票务网)، ئورگان تەرەپ ئۈندىدار سالونى «شىنجاڭ مەنزىرىسى تورى» (新疆风物网) دىن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، 118114 غا تېلېفون قىلىپ، ئۇسسۇل بايرىمىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى