خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 3-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ نازارەت قىلدى.
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەمياد تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەمياد تەشكىلىي چارىسى»غا ئاساسەن، 2016-يىلى 9-ئايدىن 2017-يىلى 5-ئايغىچە گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 39 تارماقتىكى 62 مەسئۇل كىشى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. قەسەم باشلىغۇچى قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، قەسەمنامەنى ئوقۇدى. باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر ئۆرە قاتار تۇرۇپ، ئەگىشىپ قەسەم بەردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى