خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇل ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە فىدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان موسكۋا ۋنۇكوۋو مەخسۇس ئايرودرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سالماق قەدەم تاشلاپ ئايروپىلان ئىشىكىدىن چىقىشى بىلەنلا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شى جىنپىڭ ئايرودرۇمدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھەربىي ئوركىستېر جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇراسىم مارشىنى كۆردى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، دوستانە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا كۈچلۈك ھەمدەمدە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇردى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلەپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان رۇسىيەگە ئالتىنچى قېتىم كېلىشىم. مەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر ساھە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە دوستانە زاتلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىشقا تەقەززامەن. بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى