باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق «قىزىل كىرېست» جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئەمەتجان ھىدايىتۇللا

2017.07.04 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە، بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رېئال زىيىنى ۋە رەزىل مەقسىتىنى تولۇق تونۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇش − دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچ ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت.

  بۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

  بىرىنچىدىن، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن. ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي زېرەك بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەيدانىمنى قەتئىي قىلىشنى ئۆزۈمگە بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سۆز- ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشتىن- ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن.

  ئىككىنچىدىن، ئۈلگىلىك رولىمنى جارى قىلدۇرىمەن. ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ھەر مىللەت ئەزالىرىنى، پىدائىيلار ۋە كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر- شەپقەت، تۆھپە قوشۇش» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە چىرىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى قەتئىي چەكلەيمەن.

  ئۈچىنچىدىن، خەلقنى قەلبىمگە قەتئىي پۈكىمەن. خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە زىچ باغلاپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، باش نىشانغا قەتئىي بويسۇنىمەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن؛ ئەڭ ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قان ياسىغۇچى تاياقچە ھۈجەيرىسى ئىئانە قىلىش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش قاتارلىق يادرولۇق كەسپىي خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئاممىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئارقىلىق خەلققە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نەپ يەتكۈزىمەن.

  تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى كۈچەيتىمەن. مەسئۇلىيەت تۇيغۇمنى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇمنى ۋە بۇرچ تۇيغۇمنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر