باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا، كۈتۈنۈش پۇلىغا تەسىر يېتىدۇ

ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار چوقۇم دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىش ئېنىق بېكىتىلىدۇ

2017.07.04 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جازالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى جازالاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا جازالاش قارارى چىقىرىلمايدۇ، لېكىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش يەكۈنى چىقىرىش شۇنىڭدەك ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ تۈرىنى بېكىتىش كېرەك». بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بەلگىلىمىدە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان پېنسىيونېرلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تېگىشلىك پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىش بېكىتىلمىگەنىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا جازالاش قارارى چىقىرىلمايدۇ، لېكىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش يەكۈنى چىقىرىش شۇنىڭدەك ئۇلارنى جازالاش تۈرىنى بېكىتىش كېرەك. ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق مۇناسىپ تەمىناتلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۇقۇشىمىزچە، ئالاقىدار بەلگىلىمىدە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلىپ، ئىجرا قىلىدىغان پېنسىيە تەمىناتىنىڭ ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى)نى قايتىدىن ئېنىق بېكىتمىگەنلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان 2-ئايدىن باشلاپ ئاساسىي پېنسىيە پۇلىنى %12 تۆۋەنلىتىش، ياردەم پۇلىنى بىر دەرىجە تۆۋەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) بويىچە بېكىتىش، بۇنىڭدىن كېيىن پېنسىيە پۇلىنى تەڭشىگەندە، ئەسلىدىكى پېنسىيە تەمىناتى ۋەزىپە دەرىجىسىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىش؛ پېنسىيە تەمىناتىنىڭ ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى)نى قايتىدىن ئېنىق بېكىتكەنلەرنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلى ۋە ياردەم پۇلىنى تۆۋەنلىتىلگەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) بويىچە بېكىتىش، بۇنىڭدىن كېيىن پېنسىيە پۇلىنى تەڭشىگەندە، تۆۋەنلىتىلگەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك.

  خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەن، لېكىن جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنمىغانلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىرىلغان 2-ئېيىدىن باشلاپ پېنسىيە پۇلىنى %25 تۆۋەنلىتىش، ياردەم پۇلىنى ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) بويىچە بېكىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن پېنسىيە پۇلىنى تەڭشىگەندە، ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە قاتلىمى (تېخنىكا دەرىجىسى) بويىچە ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر