باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدىكى بىر مەسچىت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە سەككىز ئادەم يارىلاندى

2017.07.04 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەھەر ئاۋىگنوندىكى بىر مەسچىت ئالدىدا 2- ئىيۇل كەچتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم يېنىك يارىلانغان. يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىنى چىقىرىۋەتتى.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلغان: شۇ كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت ئەتراپىدا، ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئەر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، كىشىلەرنى ئوققا ئاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىلدا تۆت ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈزىنى ئىتىۋالغان ئىكەن.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: بۇ كىشىلەرنىڭ نىشانى مەسچىت ئەمەس ئىكەن، ئۇ ئوق ئېتىش ۋەقەسى پەقەت مەسچىت يېنىدىكى كوچىدا يۈز بەرگەن، تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھېسابلانمايدىكەن.

  نۆۋەتتە شۇ جايدىكى ئۇ جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى.

  29- ئىيۇن كەچتە، بىر ئەر كىشى ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ، پارىژنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى بىر مەسچىتكە قاراپ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان، لېكىن يەنىلا مەسچىت سىرتىدىكى توسالغۇدىن ئۆتەلمىگەن، خادىملارنىڭ يارىلىنىشى يۈز بەرمىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئەر كىشىنىڭ ماشىنىنى مەسچىتكە سوقۇشى 2015- يىلى 11- ئايدا پارىژ باتاكلەن تىياتىرخانىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە بۇ يىل 4- ئايدا پارىژ ساڭگىلسياھ چوڭ كوچىسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن «قىساس» ئېلىش مەقسىتىدە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر