باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىغىنى جۇڭگونىڭ كۇبۇچ ئەندىزىسىگە دىققەت قىلدى

2017.07.04 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىغىنى تۈنۈگۈن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئېچىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سولخېم يىغىندا جۇڭگونىڭ كۇبۇچ قۇملۇقىنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى ماختاپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  سولخېم شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ كۇبۇچ ئەندىزىسىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئەندىزىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتقا ئېتىبار بېرىش سالمىقى ۋە قۇم-بوراننى تىزگىنلەش جەھەتتىكى پائال ئىزدىنىشلىرى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  كۇبۇچ قۇملۇقىنىڭ يەر كۆلىمى ئون مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى يەتتىنچى چوڭ قۇملۇق بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان تۈزەش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى تەرىپىدىن «يەرشارىدىكى قۇملۇق ئېكولوگىيە ئىقتىسادىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» دەپ بېكىتىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر