- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا سوتچىسى: جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىۋالدى دەپ گۇمانلىنىلغان ئەرنى كېپىللىككە بېرىشكە بولمايدۇ
2017.07.04 13:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئىللىنويىز ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا رايونلۇق قوشما ئىشتا سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگولۇق زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچى جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىۋالدى دەپ گۇمانلىنىلغان كىرىستېنسېننى كېپىللىككە بېرىشكە بولمايدۇ، ئۇ كېيىنكى قېتىم سوتلىنىشتىن بۇرۇن داۋاملىق قاماپ تۇرۇلىدۇ.
ئامېرىكا رايونلۇق تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى پائۇل تاراتقۇلارغا: ناۋادا كىرىستېنسېننىڭ تۇتقۇن قىلىۋېلىش جىنايىتى تۇرغۇزۇلسا، ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى 30-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شۇ كۈنى كەچتە قولغا ئېلىنغان ئاق تەنلىك كىرىستېنسېن جۇڭگولۇق زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچى جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىۋالغان دەپ ئەيىبلەندى. قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى مۇنداق دېدى: جىنايەت گۇماندارىنىڭ سوراق خاتىرىسىگە ھەمدە ئىگىلىگەن ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا قارىغاندا، جاڭ يىڭيىڭنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر