باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىىشى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى

2017.07.04 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىشى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلغان.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: 7- ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ستانسام» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلمىغان ھالەتتە، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لوياڭ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوتى، «سۇچيەن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوتى، «تەيشەن» ناملىق مىنا تازىلىغۇچى پاراخوتى ۋە قىرغۇچى -11B نومۇرلۇق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقاردى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1996- يىلى 5- ئايدىلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگرىداش رايونلىرى قانۇنى»غا ئاساسەن، شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئاساسىي سىزىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ جاھىللىق قىلىپ جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئاشۇ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر