باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ما چېڭ

2017.07.04 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش سېپىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيەگە، خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بازىسى قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، تېررولۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بازىسىنى شۇ يەرگىچە تىرىشىپ مۇستەھكەملەيمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنىمۇ شۇ يەرگىچە پۇختىلايمەن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەتئىي سادىق بولۇپ، مەيدانىمدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمەن. ئىزچىل پارتىيەگە سادىق بولۇش، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى ئۆزۈمگە بىرىنچى تەلەپ قىلىپ قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايمەن. سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن.

  مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، ئورۇن، ئىش، ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، ھەرىكەت جەھەتتە قەتئىي كەسكىن بولۇپ، كېچىكتۈرمەيمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاداققىچە پۇختا ئاتىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەرىكەتتە قەتئىي يول قويمايمەن. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتسىز ئادەمدەك قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمايمەن؛ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ھەرگىز قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن، ھەرگىز مۇرەسسەلەشمەيمەن، ھەرگىز يول قويمايمەن؛ ھەق- ناھەق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بىمەنە سۆزلەرگە، ساختىپەزلىككە، خۇپىيانە سۆز- ھەرىكەتلەرگە، كىشى قەلبىنى قايمۇقتۇرىدىغان سەپسەتىلەرگە دادىللىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مۈجمەل پوزىتسىيەدە بولمايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەپت- بەشىرىسىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تېپىپ چىقىپ، سەپتىن يوقىتىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدا، شىنجاڭ زېمىنىدا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن.

  نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن، قەتئىي كېچىكتۈرمەيمەن. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتىنى ئىنچىكە ئايرىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسەت- تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، نامرات كەنت ۋە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ھەر مىللەت نامرات ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن، ياخشى كۈنگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ قەتئىي بولىمەن. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسىمەن؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر