باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىش ئورنىمىزنى بازا ئورنىدا قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۈەن 5- شىسى قوشئۆگۈز شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ مەخمۇتجان بارات

2017.07.04 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ مىللەت، ھېسسىيات، تىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمىزنى ۋە خاس رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئۇلارغا كىمنىڭ ئامما ئۈچۈن چىن قەلبىدىن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئۇيغۇر ئاممىنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؛ ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ دېگەن ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.

  بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، كەم- كوتسىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قەتئىي ياخشى ئىشلىشىمىز؛ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنى باشقا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشقا يېتەكلەپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈچ بىلەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا تىنغۇدەكمۇ پۇرسەت قالدۇرماسلىقىمىز، ئۇلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك.

  بىز «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى تونۇش»نى ئىدىيەمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىمىز، سەمىمىيىتىمىز بىلەن ھەقىقىي قوشماقلىشىشىمىز، ھەقىقىي ياردەم بېرىشىمىز، ھەقىقىي يۆلىشىمىز، ھەقىقىي تۇغقانلىشىشىمىز، زېھنىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز، تۇغقانلاردەك ئۆتۈشىمىز، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز، تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

  بىز خىزمەت ئورنىمىزنى بازا ئورنىدا ياخشى قوغدىشىمىز، خىزمىتىمىزنى كەسىپ ئورنىدا ئىشلىشىمىز، بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ بىلىشىمىز، تۆۋەنگە چۈشۈشىمىز، كۆڭۈل قويۇشىمىز، يىلتىز تارتىشىمىز، ھەق سۆزلىشىمىز، ھەقىقىي كۈچىشىمىز، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىمىز، ئەمەلىي ئىش قىلىشىمىز؛ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، تۇغقانلىشىپ ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىباب تىلدا سۆزلىشىمىز، ئاممىنىڭ قولىنى تۇتىشىمىز، ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمىز، ئاممىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىشىمىز، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپلەپ يولغا قويۇشىمىز، دېھقان- چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشىمىز، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپلەپ ھەل قىلىشىمىز، كىشىلەر قەلبى بىزگە مايىللاشقان، ئەل قەلبى پارتىيەگە مايىللاشقان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  مائارىپ قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزنى ياخشىلىشىمىز، ياخشى ئائىلە ئادىتى ئارقىلىق ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈشىمىز، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بىز ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەسەبىيلىكتىن يىراق قىلىشىمىز؛ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم- پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم- پەننى سۆيۈش، ئىلىم- پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم- پەندىن پايدىلىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم- پەن ساپاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيە جەھەتتە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسىدىغان «مۇداپىئە تېمى» ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر