باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

پائالىيەتتە مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار مائارىپ فوندى قۇرۇلدى

2017.06.28 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىردا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 27- ئىيۇن قاھىرەدە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. يىغىندا يەنە «مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مائارىپ فوندى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

  جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ئەيگو پائالىيەتتە تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تېخىمۇ كەڭ قىلىپ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىسىر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مىسىردا تۇرۇشلۇق جۇڭگو سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پېيجۇڭ، جۇڭگو شاڭخەي چاۋشې گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ يودېڭ، جۇڭگو لوجيا ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم فوندىنى قۇرغان ھەم فوندىغا پۇل ئىئانە قىلغان. فوندىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئۆگىنىشتە ئەلا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر