باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىقتىساد قارالمىسى ئۈستىدە كېڭەشتى

2017.06.28 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قېتىملىق جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ياپونىيە ئىقتىساد كەسپى ۋازارىتى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلىرىنىڭ قەرەللىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ياپونىيەنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گاۋ يەن بىلەن ياپونىيە ئىقتىساد كەسپىنىڭ قاراپ چىقىش ئەمەلدارى يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو تەرەپ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى، ياپونىيە تەرەپ يۇقۇرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەدىن جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان كەپشەرلەنگەن كاربونلۇق پولات زاپچاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشىدە خەلقئارا مەجبۇرىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئورۇن باسار دۆلەت قىلمىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە تىجەش مۇھىت ئاسىراش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئاپتوموبىل ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ۋە جۇڭگو ياپونىيە كورىيە ئەركىن سودا رايونى، رايون ئىقتىسادىي شىرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك قارالمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر