باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«يۈرىكىم ئىزچىل شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سوقۇۋاتىدۇ»

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدا

2017.07.05 09:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يۈرىكىم ئىزچىل شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سوقۇۋاتىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭ مۇشۇ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆزى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك شياڭگاڭ سەپىرىنى باشلىدى.

  ئۇ قۇتلۇقلاش ئۈچۈن كەلدى، قوللاش ئۈچۈن كەلدى، كەلگۈسىنى پىلانلاش ئۈچۈن كەلدى.

  شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە 20 يىل بولغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە شياڭگاڭغا كېلىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5- نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئۇ 49 سائەتتە 20 پائالىيەتكە قاتنىشىپ، شياڭگاڭ ئارىلى، جيۇلوڭ، شىنجيېلارنى كەزدى. رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شياڭگاڭنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى گۈللەندۈرۈش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلەپ، يىراقلارغا بېرىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى شياڭگاڭدا يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكلەش

  «شياڭگاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالغا سىلجىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» − شى جىنپىڭ

  2017- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنى. ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ۋە سەلكىن شامال چىقىپ تۇرغان ۋىكتورىيە قولتۇقىدا ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شياڭگاڭ يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن سېرىس مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.

  ئانچە يىراق بولمىغان دېڭىزدا يۈزدەك بېلىقچى كېمىسى رەتلىك تىزىلىپ كېلىۋاتاتتى. قىرغاقتىن قارىغاندا كېمىگە ئېسىلغان «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز»، «رەئىس شى جىنپىڭنى قارشى ئالىمىز» دەپ يېزىلغان چوڭ پىلاكاتلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار شياڭگاڭنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى نامى چىقمىغان كىچىك بىر بېلىقچىلار كەنتىدىن دۇنياغا شۆھرىتى تارالغان چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد تىرىشىپ ئىشلەپ، تولىمۇ گۈزەل شەرق رىۋايىتىنى ياراتتى. مۇشۇ ئالاھىدە كۈندە شياڭگاڭدىكى بېلىقچىلار ئۆزلۈكىدىن سەييارە ئايلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بەختىيار دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت دەل 9 دا، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى شياڭگاڭ يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ياڭرىدى. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5- نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  نەق مەيداندا كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن يىغىن زالىغا كىرگەندە، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقتى. ئۇنىڭ قەسەمنى نازارەت قىلىشى ئاستىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار قەسەم بېرىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ ئورۇن، مۇشۇ ئەھۋال، مۇشۇ مەنزىرە كىشىلەرگە 20 يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ كۈننى ئەسلەتتى.

  ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، مىللەتنىڭ 100 يىللىق ئار- نومۇسى يۇيۇلدى، شياڭگاڭ تارىخىنىڭ يېڭى ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. جۇڭگودا تۇنجى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەدىن ئىبارەت يېپيېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  ئاشۇ پەيتتە دۇنيادىكى تاراتقۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا: تارىخ چوقۇم مۇشۇ پەيتنى مەڭگۈ ئېسىدە تۇتىدۇ، دېيىشتى.

  20 يىل باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق 20 يىللىق نەتىجىلەر يارىتىلدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شىياڭگاڭدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئاجايىپ دەۋر كارتىنىسىنى يارىتىپ، «بۇ پەيت»نى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئابىدىسىگە مەڭگۈلۈك ئويدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئېيتقىنىدەك: «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئۇزاق يىللىق تۆھپە، شياڭگاڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، مەڭگۈ ئايرىلماسلىقتەك داغدام يولغا ماڭدى».

  «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى». «ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن شياڭگاڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مۇساپىگە قېتىلدى».

  بۇ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان پەيت، بۇ ئەسلەش ۋە خۇلاسىلەش پەيتى، بۇ شۇنداقلا يەنە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان پەيت.

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو مۇساپىسىدىكى تارىخىي مۇقەررەرلىكنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى −

  «پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاپالىق ۋە ئاجايىپ قالتىس كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرغاندىن كېيىنلا، جۇڭگو خەلقى ئاندىن ئورنىدىن ھەقىقىي دەس تۇردى ھەم جاپاغا چىداپ ئىزدىنىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارلاق يولىنى تېپىپ چىقتى».

  رەئىس شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل شەرھلىدى −

  «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى لايىھەسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى، ئۇنىڭغا <كۆڭۈل- كۆكسۈڭ دەريا بولسا، سىغار ئالەم ئۇنىڭغا > دېگەن جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن».

  رەئىس شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −

  «بىر دۆلەت» ۋە «ئىككى تۈزۈم» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باشتىن- ئاخىر توغرا ئىگىلەش كېرەك؛

  باشتىن- ئاخىر ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك؛

  دىققەتنى باشتىن- ئاخىر تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك؛

  ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى باشتىن- ئاخىر قوغداش كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ تۆت «باشتىن- ئاخىر»دا چوڭقۇر، كەڭ نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى، ئەتىسىنى كۆزىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويدى.

  سەمىمىي تاپشۇرۇق، چوڭقۇر ئۈمىد. رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى مەزگىلدە دۇڭ جيەنخۇا، لياڭ جېنيىڭ، لىنجېڭ يۆئې ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى، مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى يوقلىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان پارلاق ئىستىقبالىنى ساقلاشنى بىرلىكتە پىلانلىدى.

  5- نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتىغا زور ئۈمىد باغلىدى.

  «كۆپچىلىك كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە دەۋر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە جان- دىلى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتكە، شياڭگاڭغا، ئۆزىگە يۈز كېلەلەيدىغان ياخشى نەتىجە تاپشۇرۇشى كېرەك.»

  بۇ مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، خەلقنىڭ ئۈمىدى.

  ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىك ئارقا تىرەك بولۇشى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدا توپلىغان تەجرىبە ۋە ئاساسلار، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شياڭگاڭ چوقۇم يەنە يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ، يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

  شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئاساسنى پۇختىلاش

  «شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ شياڭگاڭنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ئىقتىدارى يېتىدۇ ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەقىل- پاراسىتى بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە داۋاملىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ھەتتا دۇنيا سەھنىسىدە نى- نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.» − شى جىنپىڭ

  «شياڭگاڭنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن». توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن شياڭگاڭ زېمىنىغا قايتا قەدەم باسقان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئايروپورتتا مۇخبىرلارغا قىلغان بۇ بىر جۈملە سۆزىگە شياڭگاڭ ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭ فۇجيەن، جېجياڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كۆپ قېتىم شياڭگاڭغا زىيارەتكە بارغان، بۇ زېمىنغا چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى بار. ئۇ مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. 2008- يىلى 7- ئايدا دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ، بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى ھەم شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شياڭگاڭ ئاممىسىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتى، بەخت- سائادىتىنى باشتىن- ئاخىر قەلبىگە پۈكتى.

  6- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، شياڭگاڭ «جۈنيۆ» مېھمانخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، كۈلكە- چاقچاقلار ئەۋجگە چىققان بولۇپ، بۇ يەردە تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرى رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا بولغان يۈكسەك مىننەتدارلىق ئىپادىلەنگەن قىزغىن سۆز قىلدى.

  «مەن شياڭگاڭلىق قېرىنداشلاردىن مىننەتدارمەن! جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن مىننەتدارمەن!»

  «شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، زور تۆھپە قوشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە مەملىكەت خەلقى بۇنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى».

  ئۆزىمىزگە، شياڭگاڭغا، دۆلەتكە ئىشەنسەكلا... پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز.»

  شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى قەلبلەرنى ئىللىتتى، مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  ئالقىش سادالىرىغا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى شياڭگاڭغا ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەت مۇجەسسەملەنگەن −

  «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغىچە، «شاڭخەي- شياڭگاڭ ئالاقىسى»، «شېنجېن- شياڭگاڭ ئالاقىسى»دىن پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان «ئاكسىيە بىرژىسى ئالاقىسى»غىچە... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز دۆلەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك دەڭسەپ كۆرۈپ، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، شياڭگاڭنىڭ دىققەتنى «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شياڭگاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ؛ شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ؛ شياڭگاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قاتارلىق زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە شياڭگاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئالقىش سادالىرىغا شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاھىت بولۇشى بىلەن، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رامكا كېلىشىمى» رەسمىي ئىمزالاندى. ھەممەيلەن ئىنتىزار بولۇۋاتقان گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىنىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى.

  ئالقىش سادالىرىغا شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشتەك قىزغىن ئۈمىد سىڭگەن −

  دېڭىز بىلەن كۆك ئارىسىدا بىر «غايەت زور ئەجدىھا» سوزۇلۇپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشكە يېقىن شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا مەخسۇس كېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتى ئۈچىنچى ئۇچۇش- قونۇش يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بىللە قاتنىشىش ئۈچۈن سەل بۇرۇن كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشكەندە، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئۇنىڭدىن: «پاراخوتقا ئولتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. سۈي شىئەن: «شۇنداق، پاراخوتقا ئولتۇرسا بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ: «شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى پۈتسە، يېرىم سائەتكە قىسقىرايدۇ» دېدى.

  شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئىككى چوڭ قۇرۇلۇشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى سېلىش مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قوللىشىدىكى زور تەدبىرى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەندىزىسىدە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى زور نەتىجە؛ مەركەز شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ساقلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شياڭگاڭ ئايروپورتىنىڭ ئۈچىنچى ئۇچۇش- قونۇش يولى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شياڭگاڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشسىلا، مول تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىپ، يېپيېڭى نەتىجىلەر بىلەن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ جانلىق سەھىپە پۈتىدۇ، شىر تېغى ئېتىكىدە تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ئەسىرىنى داۋاملىق يازالايدۇ.

  مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى زېمىن ھازىرلاش

  «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شياڭگاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.» − شى جىنپىڭ.

  شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. مىللەتنىڭ ئۇلى بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارمۇ باشتىن- ئاخىر قەدىرلەپ كەلدى، ئۇ يىلتىزداشلىقنىڭ روھىي مەنبەسى.

  رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولدى. شياڭگاڭغا يېتىپ بارغان كۈنى يول ئازابىغا قارىماي، شىجيۇ مەدەنىيەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. شىجيۇ مەدەنىيەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن خانسارىيى مۇزېيىنىڭ «شياڭگاڭ خانسارىيى مەدەنىيەت مۇزېيىنى قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالىشىغا شاھىت بولدى.

  شياڭگاڭلىق ئىككى ئۆسمۈر نەق مەيداندا گۇاڭدۇڭ تىياتىرىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، بۇ بالىلاردىن ئۈمىدنى كۆردۈم» دېدى.

  ۋارىسلىقنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتە ياش بىر ئەۋلادلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا ياش بىر ئەۋلادلارغا تايىنىش كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشكە يېقىن شياڭگاڭ ئۆسمۈرلەر تەلىم- تەربىيە مەركىزى ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال مەشىق لاگىرىغا بېرىپ، مەشىققە قاتنىشىۋاتقان شياڭگاڭلىق ياش- ئۆسمۈرلەرنى يوقلاپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.

  بىر ساۋاقداش رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستىدا جەم بولۇش ئالاقىلىشىش ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭغا بېرىپ، تيەنئەنمىن مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

  تېخى يېڭىلا شياڭگاڭ ساقچى ئەترىتىگە رەسمىي كىرگەن بىر كونا كۇرسانت مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئۆسمۈرلەر تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كىچىكىمدىنلا ساقچى بولۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغانىدىم. ھازىر ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. مەن تىرىشىپ ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان ياخشى ساقچى بولىمەن.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلارنى ياخشى سۆزلىدىڭلار، دەپ ماختىدى. شى جىنپىڭ شياڭگاڭلىق ياش- ئۆسمۈرلەردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتتى − «ھەر بىر دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي پۇرسىتى ۋە بۇرچى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى دەڭسەپ، توغرا يولنى تاللاپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شياڭگاڭغا، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  رەئىس شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن خۇشال ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ۋەتەنگە، شياڭگاڭغا، كەلگۈسىگە مەدەت بەردى.

  شياڭگاڭ نۇرغۇن ئۆزگىرىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھاياتىي كۈچى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرماقتا، بولۇپمۇ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ گۈللەندى. ئۇزاقتىن بۇيان، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيۈش روھى باشتىن- ئاخىر ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە مىسلىسىز قىزغىنلىق نامايان قىلىندى.

  بۇ خىل روھ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان يېڭىلىنىپ كەلگەن مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ئارزۇسىدىن كەلگەن.

  بۇ خىل روھ 20 يىلدىن بۇيان شياڭگاڭنىڭ ۋەتەنگە تايىنىش، دۇنياغا يۈزلىنىش، يىلمۇ يىل يېڭىلىق يارىتىشتەك رىئال ئىنتىلىشىدىن كەلگەن.

  مانا مۇشۇنداق ھېسسىيات بولغاچقا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى تەسىرلەندۈردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، ئوخشىمىغان سورۇنلاردا كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەسىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى قۇرقۇنچلۇق ئەمەس، مۇھىمى ئامال قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش. قىيىنچىلىقنى يەڭسەك، مەسىلە ھەل بولىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

  «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ شياڭگاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.»

  ...

  6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭنىڭ داماۋ تېغى باغرىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ شىگاڭ گازارمىسىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. پاراتتىن ئۆتىدىغان 3100 كوماندىر- جەڭچىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، غەيرەت- جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى، 100 نەچچە قورال- جابدۇق، ھەيۋەتلىك بىرونېۋىك رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرغانىدى.

  شياڭگاڭنىڭ ھەر ساھەسىدىن ھەربىي پارات كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن 4000دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان قوللىرىدىكى دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، مۇھىم تارىخىي مىنۇتلارغا بىللە شاھىت بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!»، «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» دېگەن سەمىمىي سالىمى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى؛ كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ «رەئىس ياخشىمۇسىز!»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» دېگەن ياڭراق جاۋابى يەر- زېمىننى لەرزىگە سالدى.

  20 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر- يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇداپىئە يۈرگۈزۈشنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇنداپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك، مەدەنىي ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ يۈكسەك مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

  «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> فاڭجېنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، شياڭگاڭدا ھەربىي تۇرغۇزۇش قانۇنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىيلىك بىلەن قىلغان سۆزى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  20 يىللىق «شياڭگاڭ ھېكايىسى» مول مەزمۇنلۇق ۋە تەسىرلىك، كەلگۈسى ئىستىقبال تېخىمۇ پارلاق.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى −

  «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تارىختىن قېلىپ قالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۇزاققىچە گۈللىنىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلەن بىللە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە شان- شەرىپىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

  كەلگۈسىگە قىلىنغان چاقىرىق −

  «ئىلگىرىلەش يولى ئەگرى- توقاي، بىراق <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نى يولغا قويۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئىرادىمىز تەۋرەنمەيدۇ. بىز <قارا بوران كەلگەندە، يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەش> ئىشەنچىمىز، <جاپاغا چىداپ چايقىساڭ شېغىل ھەم قۇمنى، سۈزەرسەن ئاخىر زەر- ئالتۇننى> دېگەن قەتئىي ئىرادىمىز بىلەن <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.»

  «جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە كۈيى جاراڭلار ياڭراق...». شياڭگاڭنىڭ ۋەتەنگە قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ياڭراق ناخشا ساداسى ئىچىدە ئەۋجگە كۆتۈرۈلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ سەھنىگە چىقىپ ئارتىسلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، مەيداندىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىنى تىلىدى، شياڭگاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  قىزغىن مېھىر- مۇھەببەت سەمىمىي قەلبلەرگە مۇجەسسەملەنگەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ سەپىرى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت داغدام يولىدا كۈچلۈك جۇڭگو سىمفونىيەسىنى ياڭراتتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 1-ئىيۇل تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر