باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى(1)

2017.07.05 14:17   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان گېرمانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى سوقۇش ئايروپىلانى قوغداپ ماڭدى. شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان بېرلىندىكى تېگېل ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىللە ئايروپىلاندىن چۈشتى. مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، سوقۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جۇڭگو-ياۋروپا، ياۋروپا-ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال يېتەكلەش ۋە ئۈلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…