باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرى خەلق گېزىتىنىڭ بىر چوڭ ئىشىغا گۇۋاھ بولدى

2017.07.05 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېخى ھېلىلا، كىرېمل سارىيىدا، مۇشۇ پەيتتە زىيارەتتە بولىۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىككىسى بىرلىكتە، خەلق گېزىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مىخايلوۋنىڭ ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنىڭ بىر پارچە كېلىشىمىنى ئىمزالاپ ئۆزئارا ئالماشتۇرغانلىقىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، خەلق گېزىتى بىلەن ت ئا س س ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئۆزئارا خەۋەر قىلىش، بىرلەشمە زىيارەت قىلىش، تاراتقۇلار ئۆزئارا يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، خادىم ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ تۈرلۈك ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سىرداش دوستلۇقىغا ئۆزئارا ئىشىنىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ بەرگۈسى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. بۇلتۇر 25- ئىيۇن، خەلق چوڭ سارىيىدا، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن 2016- يىللىق جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشقان ئىدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە زىيارەت خەلق گېزىتى بىلەن رۇسىيە تا س س ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «رۇسىيە-جۇڭگو چېگراسى - تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق چېگراسىدۇر.» دېگەن تېما ئاساسى تېما قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر