- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يولداش جاڭ شۇيىڭ خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولدى
2017.07.05 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق تورىنىڭ باش بېتىدىكى خەلق گېزىتى «رەھبەر تونۇشتۇرۇش» سەھىپىسىدە يېڭىلىنىش بولغان. نەتىجىدە، يولداش جاڭ شۇيىڭنىڭ خەلق گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىر بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يولداش جاڭ شۇيىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
جاڭ شۇيىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1959- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي خەنچۇەنلىك، 1982- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي مۇھەررىر.
ھازىر خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قوشۇمچە نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولدى
1978 -يىلىدىن 1982- يىلىغىچە خۇبېي ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان
1982- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، خۇبېي ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1983- يىلى 7- ئايدىن 1984- يىلى 7- ئايغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان)
1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان
1987- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان
1989 - يىلىدىن 1990- يىلىغىچە، يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان
1990- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى سەنئەت بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى بولغان
1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى سەنئەت بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان
1996 - يىلىدىن 1997- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان
1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە باش مۇخبىرى بولغان
1999- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى چەت ئەل نۇسخىسىدىكى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان
2000- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە خەلق گېزىتى چەت ئەل نۇسخىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان (ئىدارە دەرىجىلىك) (بۇ مەزگىلدە: 2001- يىلى 9- ئايدىن 2002- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى بىلىم ئاشۇرۇش 2- سىنىپىدا ئوقۇغان)
2002- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئاخبارات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2004- يىلى 5- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش A سىنىپىدا ئوقۇغان)
2007 - يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى ئاخبارات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان
2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، خەلق گېزىتى نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان
2017- يىلىدىن ھازىرغىچە خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قوشۇمچە نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر