باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى

كۆچمەنلەرنى چەكلەش سىياسىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاش تەس

2017.07.05 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى ئامېرىكىدا بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن، ھەر مىڭ ئايالنىڭ ئىچىدە 62سى تۇغقان، بۇنىڭ بىلەن، تارىخىي خاتىرە بولغان ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتەنگە چۈشۈپ قالغان.

  ئامېرىكىدا يەرلىك تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئالىملارنىڭ ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، چۈنكى، بۇ يۈزلىنىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئەندىشە قىلىپ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا، ئەگەر تۇغۇلۇش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىۋەرسە، ئامېرىكا خۇددى ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى كەچۈرمىشىگە ئوخشاش ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى توختاپ قىلىش ئېھتىمالى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ پەرزەنت كۆرۈشنى خالىماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇش ياردەم قەرزى پۇلى ياكى باشقا قەرزىلىرىنى تۆلەپ بولۇشتىن بۇرۇن بالىلىق بولمايدىكەن، يەنە بەزىلەر كەسپى تەرەققىياتنى كۆزدە تۇرۇپ تۇغماسلىق ياكى كېچىكتۇرۇپ تۇغۇشنى ئويلىشىدىكەن. بەلكىم «ھەممىلا ئادەم كىچىك بالىغا موھتاج بولىۋەرمەيدۇ» دەيدىغان قاراش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك.

  ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ تۇغۇت يېشىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ بارماقتا. نۆۋەتتە تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاياللار 30 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرماقتا. ئەمما بۇ خىل يۇقىرى تۇغۇت نىسبىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن 25 ياشتىن 29 ياشقىچە ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ياپونىيەنىڭ تۇغۇت يېشىنى داۋاملىق كىچىكلىتىپ بېرىۋاتقان نوپۇستىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا بۇ خىل ئاياللارنىڭ نوپۇس سانى ئەكسىچە تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا.

  ئەنباڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنى مۇنداق دەپ قارىماقتا: ئامېرىكىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان بىلەن، ئومۇمىي نوپۇس كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. نوپۇسنىڭ بۇنداق كۆپىيىپ بېرىشىغا ھالقىلىق تۈردە ياردىمى بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىدۇر. ئەمما ياپونىيە بولسا، ياپونىيەگە كۆچمەن بولغۇسى بارلارغا ئىشىكىنى ئېچىۋەتمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نوپۇسى سىجىل تۈردە ئازىيىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، گەرچە كىشىلەر شۇنىڭدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، يەنى، ترامپنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، سىرتتىن ئامېرىكىغا كىرىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچىرىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، لېكىن تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشىدەك بۇ رېئاللىق ئامېرىكىغا كۆچمەن بولىدىغانلارنى چەكلەش سىياسىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر