باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىنى قوللىدى

مەدەنىيەت ھويلىسى مىللىي چالغۇلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.05 09:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىنى قوللاش بويىچە مەدەنىيەت ھويلىسى مىللىي چالغۇلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بەيساق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت ھويلىلىرىغا مىللىي چالغۇلارنىڭ تولۇق تارقىتىلىپ، سەپلىنىپ بولۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەدەنىيەت ھويلىسى ئاساسىي قاتلامنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات- تەربىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېڭەيتىلگەن ۋە قوللىنىلغان يېڭىچە مەدەنىيەت بازىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش خىزمىتىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ياخشى رول ئوينىدى. شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان زور قوللىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  ئىگىلىشىمچە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش تۈرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1046 مەدەنىيەت ھويلىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق يولغا قويۇلۇپ، ھەر بىر مەدەنىيەت ھويلىسىغا 26 مىڭ 200 يۈەن ئۆلچەم بويىچە بىر تېلېۋىزور، بىر ياڭراتقۇ، بىر چالغۇ سەپلەپ بېرىلىپتۇ.

  تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بەيساق كەنتىنىڭ مەدەنىيەت ھويلىسى ۋەكىلى قۇربانجان ئۆمەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ھويلامنى ياخشى قۇرۇپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۈگۈن تارقىتىلغان مىللىي چالغۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپلا قالماي، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرىمەن؛ ئارتۇقچىلىقىمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر