باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر جاۋ جيەنگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.07.05 09:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7- ئاينىڭ 3- كۈنى جۇڭگو «خۇاديەن» گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش لىدىرى جاۋ جيەنگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر «خۇاديەن» گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرىنىڭ مۆلچەر زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئالاھىدە قوللىشىدا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى چۆرىدەش نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئېلېكتىر كاپالەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، شىنجاڭ ئىلگىرىكى توك كەمچىل رايوندىن توكى ئېشىپ- تېشىپ تۇرىدىغان رايونغا ئايلاندى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم رايونغا ئايلاندى. ھازىر ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا زور پۇرسەت ياراتتى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق نەپ ئېلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. «خۇاديەن» گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ كەسىپ كۆلىمى ئەۋزەللىكى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە پائال قاتنىشىشىنى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاۋ جيەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاديەن» گۇرۇھىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇاديەن» گۇرۇھى شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپىگە قويۇپ، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىدۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر