خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى موسكۋادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، تاراتقۇلار ۋە كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ دۆلەت ۋە قوشنا دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تارىخىي تاللىشى، شۇنداقلا ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. تاشقى مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر بىزنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز ئۆرگەرمەيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنىڭ ئاساسلىق يولى سۈپىتىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. رۇسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ ئىجىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش يىلى ئاخىرلىشىدۇ. ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق ساھەسى كۈندىن كۈنگە كېڭەيدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى كۈچەيدى. جۇڭگو-رۇسىيە كارخانىچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمبەھرىلىنىش، تەڭ پايدا ئېلىش ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى